Uyghur←ChineseMain Dictionary
نېۋىنىس
دۇنيا تارىخى
奈文斯
nài wén sī
(1890 - 1971) ئامېرىكىلىق تارىخۇشانس. ياش ۋاقتىدا ئىللىنويىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، 1913-يىلى ئەدەبىيات ماگىسترلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. <دۇنيا گېزىتى> قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1928-يىلدىن باشلاپ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، پروفېسسورى بولغان. 1958-يىلى پېنسىيىگە چىققان. بۇ مەزگىلدە ئىككى قېتىم ئەنەلىيىگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىگەن. بىلىمى مول، ئەسەرلىرى كۆپ، ئۇسلۇبى راۋان بولۇش بىلەن مەشھۇر. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <قوشما شتاتنىڭ سىنىقى> (ئىككى توم) ۋە <لىنكولننىڭ باش كۆتۈرۈشنى> (ئىككى توم) قاتارلىقلار بار. <ھامىلتون فېشنىڭ تەرجىمىھالى - گرانت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى> ۋە <گروف كلوۋنىڭ تەرجىمىھالى - جاسارەت ئۈستىدە تەتقىقات> دېگەن ئىككى پارچە تەرجىمىھالى ئەسىرى پلىتسېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.