UyghurMain Dictionary
نۇسەيرىيە مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ تارماق مەزھەپلىرىدىن بىرى. بۇ مەزھەپ ھەزرىتى ئەلىگە ئەقىدە باغلىغانلىقى ۋە ھەزرىتى ئەلىنى مەبۇد قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئەلەۋىيە مەزھىپى دەپ ئاتالغان. بۇ مەزھەپنى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مۇھەممەد بىننى نۇسەيرى نامىل ئابد قۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بىننى نۇسەيرە بەسرەدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى، ئەسلىي شىئە مەزھىپىنىڭ ئونىنچى ئىمامى ئەلى ھادى (؟ - 866) نىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، ئەلى ھادى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنى <باب> دەپ ئاتىدى. 863 - يىلى مۇھەممەد ۋاپات بولدى. بىننى نۇسەيرى ئۇنى غايىب ئىمام دەپ ئاتىدى ھەمدە ھەزرىتى ئەلىنى <ئاللانىڭ ئۆزگەرگەن گەۋدىسى> دەپ ئېتىراپ قىلدى. كېيىن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ھۈسەين بىننى ئەمدان خاسبى (؟ - 968) بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ سۈرىيىنىڭ ھەلەب قاتارلىق رايونلىرىغا كېڭەيتتى، ئىشىنىدىغانلار كۈنسايىن كۆپەيدى. بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسى يېڭى ئەپلاتونىزم، خرىستىئان دىنى، بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى ھەمدە ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ ئۆلىماسى ئەبۇ خەتتابنىڭ ئەقىدە تەلىماتىنى ئاساس قىلىپ، كۆپ تەلىماتلار ئالمىشىپ كەتكەن دىنىي ئىدىيە بولۇپ شەكىللەندى. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، نامسىز ياراتقۇچى رەببى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۇنجى بولۇپ <نام>، <سۆز>، <ئالامەت> ئېقىپ چىقتى. <ئالامەت> مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ھەزرىتى ئەلى، فاتىم (شىئەلەرنىڭ قارىشىچە، فاتىمە دېگەن ئىسىمنىڭ ئەرلەشتۈرۈلگەن تۈرى)، ھەسەن، ھۈسەيىندىن ئىبارەت ئەۋلىيالىق ماقامىغا يەتكەن بەش زاتتا ئىپادىلەندى. بۇ بەش زات باراۋەت بىر تەندۇر. لېكىن، كېيىن سالۇس ئەقدەس (كۈچلۈك زات) قارىشىغا يەنى <ھەقىقەت>، <نام>، <تەلىمات> قا ئۆزگەردى. بېشارەت بەرگۈچى ئۈچ زات - ئەلى، مۇھەممەد، نورىمان فەلىس سالۇس ئەقدەس قارىشىغا ماسلاشتۇرۇلدى. ئەلى ئاللا بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىشىدىغان <ھەقىقەت> نى ئىپادىلىدى. <نام> مۇھەممەدنى ئىپادىلىدى. <ھەقىقەت> تىن نام چىقتى ھەمدە <نام> غا مەنسۇپ بولدى، <تەلىمات> نورىماندا ئىپادىلەندى. نورىمان مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرىدىن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئىدى. بۇ مەزھەپ سىرلىق سان <يەتتە> گە ئەمەل قىلىپ، ئاللا <ئۇلۇغ نۇرلۇق دۇنيا> نى ئېقىتىپ چىقاردى، چۈشۈپ كەتكەنلەر يەتتە دەۋرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاخىر تەن ئىچىگە قامىلىپ ئادەم بولۇپ قالدى. ئادەم ئەگەر بابنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئاللانى تونۇسا، يەتتە دەۋرنىڭ كۆتۈرۈشى ئارقىلىق جەننەتكە قايتىپ بارالايدۇ، دەپ قارىدى. بۇ مەزھەپ روھنىڭ يۆتكىلىش توغرىسىدىكى تەلىماتقا ئىشىنىدۇ. ئادەمنىڭ روھى ئەسلىي ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ئىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇلارنى كىشىلىك دۇنياغا چۈشۈردى. تەقۋادارلار ئۆلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى بىلەن بىللە بولىدۇ. گۇناھكار ئادەمنىڭ روھى ھايۋانلارنىڭ تېنىگە يۆتكىلىپ، كېتىدۇ، دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەزھەپ قۇياشقا، ئايغا، شەپەققە تىۋىنىشنىڭ قالدۇقلىرىنى ساقلاپ قالغان. سۈننىي مەزھىپى ۋە ئون ئىككى ئىمامچىلار ئۇلارنى <بىدئەتلەر> دەپ قارايدۇ. نۇسەيرىيە مەزھىپىنىڭ كىرىدىغان ئادەم ئالدى بىلەن مەزھەپنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىق توغرىسىدا قەسەم بېرىدۇ ھەمدە ئۇستاز سۆزلىگەن مەخپىي دىنىي ئەقىدىنىڭ روھقا ئىلھام بولۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ. بۇ مەزھەپ ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن مەخپىي دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ قائىدىلىرىنى مەزھەپ سىرتىدىكىلەر بىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىكى دىنىي يۇقىرى قاتلام <سىر بىلگۈچى> دېيىلىدۇ، ئادەتتىكى مۇخلىسلار يۇقىرى قاتلامغا مۇتلەق بويسۇنۇش كېرەك. بۇ مەزھەپ روزى ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ ئورتاق بايراملىرىنى خاتىرىلىگەندىن باشقا، خرىستىئان دىنىنىڭ روژدېستۋو بايرىمى، پاسخا بايرىمى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. دۇئا - تىلاۋەت قىلغاندا مۇقەددەس غىزا يەيدۇ، مۇقەددەس ھاراق ئىچىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇخلىسى بولۇپ، ئاساسلىقى سۈرىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا، تۈركىيىنىڭ جەنۇبىغا ۋە لىۋاننىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالغان.