UyghurMain Dictionary
نۇقسان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كەمچىلىك، ئەيىب؛ خاتا:
تەۋەككۇلغە نۇقسان يېتىپ قەۋلىدىن،
كى فىكر ئەتمەدىڭ ئاخىرى ھەۋلىدىن.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەمچىللىك، كەمتۈكلۈك، يارىماس قىلىق، ئادەت.
بوينىدا ئىللىتى بارنىڭ تۇۋىقى سىرقىرار. ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس. ئۆز ئەيىبىنى بىلگەن باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچماس. ئاقارغان چاچ ئەيىپ ئەمەس. بىر ئېۋەننى يوشۇرساڭ، يەنە بىرى چىقار. پەرىشتىدىنمۇ بەش نۇقسان تېپىلار. قۇسۇر تېپىشقا ئۇرۇنما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كەمچىللىك، ئىللەت، قۇسۇر، ئەيىب.
ۋىجىك ھەم پاكارلىقى ئۇنىڭ مەنسىپىگە نۇقسان ئىدى.