UyghurMain Dictionary
نۇكلېئوتىدلار
بىئولوگىيە
يەنە نۇكلېئوتىد مونو فوسفات (nucleoside mono phosphate NMP) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يادرو كىسلاتاسىنىڭ تۈزگۈچى بىرلىكى بولۇپ، گلىكوزىدىكى قەنت ھالقىسىدىكى گىدروكسىل رادىكالى بىلەن فوسفات كىسلاتاسىنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، شۇڭا نۇكلېئوزىدنىڭ فوسفات كىسلاتا ئېستېرى ئوكسىگېنسىزلانغان رىبونۇكلېئوتىد (ياكى ئوكسىگېنسىزلانغان نۇكلېئوتىد) دەپ ئاتىلىدۇ. نۇكلېئوزىدتىكى قەنت ھالقىسىدا ئۈچ دانە ئەركىن گىدروكسىل رادىكالى بولۇپ، 2 - نۇكلېئوتىد، 3 - نۇكلېئوتىد ۋە 5 - نۇكلېئوتىدتىن ئىبارەت ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل نۇكلېئوتىدنى ھاسىل قىلىدۇ. ئوكسىگېنسىزلانغان نۇكلېئوزىدتىكى قەنت ھالقىسىنىڭ 2 - ئورنى ئوكسىگېنسىزلانغانلىقتىن، پەقەت 3 - ۋە 5 - لىك ئوكسىگېنسىزلانغان نۇكلېئوتىد ھاسىل بولىدۇ.