Uyghur←ChineseMain Dictionary
نۇكلېئىك كىسلاتا
بىئولوگىيە
核酸
hésuān
مۇھىم بىر خىل بىئو ماكرو مولېكۇلا، ئۇ نۇرغۇنلىغان نۇكلېئوتىدلارنىڭ 3، 5 - فوسفو دى ئېستېر بېغى ئارقىلىق تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان يۇقىرى دەرىجىدىكى پولىمېردۇر. ھايۋان، ئۆسۈملۈك، مىكرو ئورگانىزم، ۋىرۇس، باكتېرىئوفاگ، ۋىرۇسسىمانلاردا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولىدىغان ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئاساسىي ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆسۈش، كۆپىيىش، ئىرسىيەت، ئۆزگىرىشچانلىق، مېتابولىزملارغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. يادور كىسلاتاسى ۋىرۇسلارنىڭ يۇقۇشى، مولېكۇلا كېسىلى، ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى، نۇرلاردىن زەخىملىنىش ۋە ئەسلىگە كېلىشلىرىدىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولمايدىغىنى يوق. تەركىبىگە ئاساسەن رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (RNA) ۋە ئوكسىگېنسىزلانغان رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (DNA) دىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، كۆپ ساندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تەركىبىدە بۇنداق ئىككى خىل نۇكلېئىك كىسلاتا بولىدۇ. DNA ئاساسەن ھۈجەيرە يادروسىغا يىغىلغان، لېكىن خوندىرىئوسوما ۋە خلوروپلاستتىمۇ ئاز مىقداردا بولىدۇ. RNA ئاساسەن سىتوپلازمىدا بولىدۇ. ۋىرۇسلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ تەركىبىدە پەقەت DNA ياكى RNA بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ۋىرۇسلار DNA ۋە RNA ۋىرۇسلىرىغا بۆلۈنىدۇ. ھەر خىل جانلىقلاردىكى يادرو كسىلاتاسىنىڭ خىمىيىلىك تۈزۈلۈشى، نۇكلېئوتىد تەرتىپى ئوخشىمايدۇ، شۇڭلاشقا ھەر قايسىنىڭ فۇنكىسىيىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
核酸
hé suān