Uyghur←ChineseMain Dictionary
نىترىتىشىش رولى
بىئولوگىيە
硝化作用
xiāohuàzuòyòng
ئاممىياكنى بەزى ئوكسىگېن خالايدىغان مىكرو ئورگانىزملار ئوكسىدلاپ نىترات كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرىدىغان پۈتكۈل بىئولوگىيىلىك جەريان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەرياننى ئىككى خىل باكتېرىيە بىرلىكتە تاماملايدۇ؛ بىر خىلى نىترىتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە، ئۇ ئاممىياكنى ئوكسىدلاپ نىترىت كىسلاتاغا ئايلاندۇرىدۇ؛ يەنە بىر خىلى نىترىتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە، بۇلار نىترىت كىسلاتاسىنى يەنىمۇ ئوكسىدلاپ نىترات تۇزىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل باكتېرىيە ھاۋادا بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا نىترىتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە ھاسىل قىلغان زەھەرلىك ماددا - نىترىت كىسلاتاسىنى نىترىتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە دەرھال ئوكسىدلاپ نىترات كىسلاتا تۇزىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇمىكرو ئورگانىزملارنىڭ ياشىشىغا پايدىلىق. نىترولاشتۇرۇش رولىنى ئاساسەن خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان باكتېرىيىلەر تاماملايدۇ. ئۇلار ئاممىياك ئوكسىدلىنىش جەريانىدا قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ كاربون (Ⅳ) -( ئوكسىدىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدۇ. مەلۇم شارائىتتا چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان باكتېرىيىلەرمۇ نىترولاش رولىنى ئۆتەيدۇ. بىراق ئۇلار ئامىياكنىڭ ئوكسىدلىنىش جەريانىدىن ئېنېرگىيىگە ئېرىشەلمەيدۇ.