Uyghur←ChineseMain Dictionary
نىتروگېنازا
بىئولوگىيە
固氮酶
gùdànméi
ئازوتنى تۇراقلاندۇرغۇچى ئېنزىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئازوت مولېكۇلىسىنى ئوكسىدسىزلاپ ئاممىياكقا ئايلاندۇرىدىغان ئېنزىم. يىلتىز تۈگۈنەك باكتېرىيىسى. كۆك يۈسۈنلەر ۋە ئازوتنى تۇراقلاندۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان جانلىقلارنىڭ ھەممىسىدە نىتروگېنازىنىڭ ئاكتىپلىقى بولىدۇ. ئۇ بىرى تۆمۈرلۈك ئاقسىل، بىرى مولىبىدېنلىك ئاقسىلدىن ئىبارەت ئىككى خىل مېتاللىق ئاقسىلدىن تۈزۈلىدۇ. ATP - Mg مەۋجۇت بولغاندا ئۇ N 2، ئېتلېىن، سىئانىد، دىئازولارنىڭ ئوكسىدسىزلىنىشىنى كاتالىزلايدۇ، ئوكسىدسىزلاشتا كېرەك بولىدىغان ئۈچ جۈپ ئېلېكتروننى ئېنزىم بىرىكىدىغان ئارىلىق ماددا (ئۇلار دى ئىمىن، گىدرازىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لار يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بىر جۈپ ئېلېكتروننى يۆتكەشتە بەش دانە ATP كېرەك بولىدۇ. ئوكسىدسىزلانغۇچى تۆمۈرلۈك ۋە فلاۋىنلىق ئاساسىي ماددا (فورمىك كىسلاتا، ھىدروگېن، NADH، NADPH، پىرۇۋىك كىسلاتالار) دىن ئېلېكترون قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئوكسىدسىزلىنىدۇ، ئوكسىدسىزلىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى پىرۇۋىك كىسلاتاسىنىڭ ئوكسىدلىنىپ كاربوكلىسزلىنىشى ۋە ئاتسېتىل COA نىڭ ئاتسېتىل فوسفاتقا ئايلىنىش جەريانىدىن كېلىدۇ.
ئۆسۈملۈك,باغۋەنچىلىك
固氮酶
gù dàn méiDئۇنىۋېرسال
定氮酶
dìng dàn méi