UyghurMain Dictionary
نىستات سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
روسىيە شىمال ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن ھوقۇق ۋە مەنپەئىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شۋېتسىيە بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامە. 1721-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى فىنلاندىيىنىڭ نىستات شەھىرىدە ئىمزالانغان. شەرتنامىدە مۇقەددىمە ۋە 24 ماددا بولۇپ، ئىنگرىيە، ئەستلياندىيە، لىفلەندىيە ۋە كارېلسكايانىڭ بىر قىسمى ۋە ۋبورگ بىلەن رىگانىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى، ئەزېل، داگو ئارللىرىنى روسىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ فىنلاندىيىنى شۋېتسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىش بەلگىلەنگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى كەڭ زېمىن ۋە دېڭىز پورتلىرىغا ئىگە بولۇۋالغان.