UyghurMain Dictionary
نىشان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بەلگە، ئالامەت:
دېرەك، خەۋەر:
بۇ جەھان ئىچىندە ھەرگى زبولماغاي گەۋھەرنىشان،
ئول كۆڭۈل ئىشقىڭ بىلەن دۇنيادا مەشغۇل ئولمادى.
قەلەندەر.
2. بەر قەلەندەرغە ئىلاھ قۇندۇزى جەننەت نىشان،
يۈسۈفى كانئانغە قىلغىل شەھرى دەۋراننى نەسىب.
قەلەندەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان زور ھۆرمەت، قەدىر - قىممەت، ئابروي، ئىجابىي خىسلەت، چوڭ داڭق.
ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. ھەقىقەت يولىدا ئازاب چېكىشمۇ شەرەپ. شەرەپ بىلەن غەلبە بىر تۇغقان قوشماق. شۆھرەتكە ئىنتىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ رەزىل ھەۋەستۇر. بىلمەمسەن، كىمكى بۇزدى ئەھد - پەيمان، بۇ توپتا تاپمىدى شەۋكەت يا شان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرسەتكەن خىزمىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان، خاتىرە سۈرىتى ۋە سۆزى بار، كۆكرەككە ئېسىۋالىدىغان بەلگە، ئىزناك.
ھەر بىر مېدالنىڭ ئارقىسى بولىدۇ. خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئاراچە چېلىش مۇسابىقىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى كوماندىسى ئۈچ ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال ئالغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوق ئېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسە.
ھەر ئوقنىڭ نىشانغا تېگىشى ناتايىن. قارىغا قارىلاپ ئات. چىداپ چېنىقساڭ، چېنەك ئالدىڭدا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تامغا، بەلگە، ئىمزا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تەبىئىي ياكى مەقسەتلىك قويۇلغان بەلگە؛ ئالامەت؛ قارا.
نىشان قويماق. نىشان قىلماق.
بىرەر نەرسىدىن قالغان ئىز، بەلگە؛ دېرەك؛ سىمۋول.
ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچقانداق نىشان قالمىدى.
كۆچمە. بىرەر ئىش، ھەرىكەت قارىتىلغان نۇقتا ياكى يەتمەكچى بولغان مەقسەت، مەنزىل؛ غايە؛ يۆنىلىش.
نىشان كۆرسەتمەك. نىشاندىن ئاداشماق.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
نىشانجان
غايە، مەقسەت
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تامغا، بەلگە، ئىمزا. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.