UyghurMain Dictionary
نېسى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بېرىلگەن - ئېلىنغان نەرسە.
«لاپقۇت» ئىش - ئەمگەك ئۈستىدىكى ئېلىم - بېرىم.
«نېسى» ھەققىنى نەق ئالماي، قەرز قالدۇرۇشقا ئېيتىلىدۇ.
بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر. قەرزى يوق گاداي شاھزادىن ئازادە. بۇ جاھان - ئۆتنە جاھان. ئاش - ئۆتنە، ئىش - لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت. شىر چىشىنى ئارىيەت بەرمەس. يېڭىسىنى ئارىيەت ئالغاندىن كونىسىنى يۇغان ئەلا. نېسى ساتقاننىڭ ھالى خاراب، قالىدۇ قۇرۇق دەپتەرگە قاراپ. نېسى يېمە گۆشنى، ئاغرىتىدۇ تۆشنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. پۇلنى نەق بەرمەي كېيىن تۆلەش شەرتى بىلەن بولىدىغان بىر خىل سودا ئۇسۇلى.
نېسىگە ئالماق. نېسىگە ساتماق.
سۈپ. پۇلى دەرھال، نەق بېرىلمەيدىغان.
نېسى سودا. نېسى مال.
نېسى يېمەڭ گۆشنى، يېرىپ چىقىدۇ تۆشنى (ماقال).