UyghurMain Dictionary
نېرۋا ئىمپۇلسى
بىئولوگىيە
قوزغىلىش دولقۇنىنىڭ نېرۋا تالالىرىنى بويلاپ تارقىلىشى، ئۇنىڭ ماھىيىتى ھۈجەيرە پەردىسىدە ھاسىل بولغان پوتېنسىئال دولقۇنلۇق ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. نېرۋا تۇرغۇن ھالەتتە تۇرغاندا ھۈجەيرە پەردىسى يۈزىدە پوتېنسىئال پەرقى بولمايدۇ، غىدىقلىنىپ قوزغالغاندا بولسا، ھۈجەيرە پەردىسىدە پوتېنسىئال ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ. غىدىقلانغان ئورۇن بىلەن يېنىدىكى غىدىقلانمىغان ئورۇندا پوتېنسىئال پەرقى ھاسىل بولۇپ، قىسمەن ئېلېكتر ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈپ غىدىقلانمىغان ئورۇندا غىدىقلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئاندىن يېڭى قوزغالغان ئورۇن يەنە قىسمەن ئېلېكتر ئېقىمى ئارقىلىق يېنىدىكى ئورۇنلارنى قوزغىتىدۇ. مۇشۇنداق تەرتىپ بىلەن داۋاملىشىش نەتىجىسىدە قوزغىلىش داۋاملىق ئالدىغا تارقىلىدۇ. نېرۋا ئىمپۇلسىنىڭ نېرۋا تالاسىدىكى تارقىلىش تېزلىكى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ؛ يەنى نېرۋا تالاسىنىڭ دىئامېتىرى قانچە چوڭ بولسا، تارقىلىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ؛ يىلىك غىلىپى بولغان تالالارنىڭ يىلىك غىلىپى بولمىغان تالالارنىڭكىدىن تېز بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ نېرۋا ئىمپۇلسنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر قىلالايدۇ. مەسىلەن، مېخانىك بېسىم، توڭلىتىش، ئېلېكتر ئېقىمى (توك) ھەمدە خىمىيىۋى دورىلار قاتارلىقلار نېرۋا ئىمپۇلسىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى توسۇپ ئۈزۈۋېتەلەيدۇ. كلىنىكىدا ئادەتتە داۋالاش ئېھتىياجىغا قاراپ نېرۋا غولى ئەتراپىغا پروكائىن قاتارلىق ناركوز دورىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نېرۋا ئىمپۇلسىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈزۈۋېتىدۇ.