Uyghur←ChineseMain Dictionary
نېرۋا ھۈجەيرىسى
ئاناتومىيە,ئۇنىۋېرسال
神经细胞
shén jīng xì bāoDتەنتەربىيە
神经元
shén jīng yuánDئۇنىۋېرسال
神经元
shén jīng yuánDئۇنىۋېرسال
神经胞体
shén jīng bāo tǐ
پسىخولوگىيە
神经细胞
shén jīng xì bāo
بۇ نېۋرونمۇ دېيىلىدۇ. ئۇ نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. ھەر بىر نېۋرون ھۈجەيرە تېنى بىلەن ئۆسۈكتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۈجەيرە تېنى بولسا، ھۈجەيرە تۈگۈنى تەشكىلىنىڭ ۋە مېڭە بىلەن يۇلۇننىڭ كۈلرەڭ ماددىسىنىڭ ئاساسىي تەركىبى قىسمى. ئۆسۈك ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى، ئوقسىمان ئۆسۈك بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن نېرۋا تالاسى تۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى غىلاپلىق ياكى غىلاپسىز بولىدۇ. يەنى بىر خىلى، دەرەخسىمان ئۆسۈك بولۇپ، قىسقا، كۆپ شاخلىق بولىدۇ. ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نېرۋىسى ۋە مېڭە بىلەن يۇلۇننىڭ ئاق ماددىسى نېرۋا تالالىرى توپلىمىدىن تەشكىل تاپىدۇ. نېۋروننىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى، تۈزۈلۈشى ۋە فونكسيىسى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ھەر بىر نېۋرون مەلۇم دەرىجىدە بىر مۇستەقىل قۇرۇلما. نېۋروننىڭ ئوقسىمان ئۆسۈكنىڭ ئۇچى شاخلىنىپ باشقا بىر نېرۋون ياكى ئۇنىڭ دەرەخسىمان ئۆسۈكى بىلەن تۇتاشقان قىسمى سىناپسىې (ئۆسۈكچە ئۇلانمىسى) دەپ ئاتىلىدۇ. سىناپسې ياردىمى بىلەن نېۋرونلار ئارا باغلىنىش ھاسىل بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن رېفلېكس ياسى شەكىللىنىدۇ.