UyghurMain Dictionary
نېرۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جايىدا بولماسلىقىدىن بولىدىغان چۇس مىجەز.
چىداش ياخشى سەپرا ئۆرلىگەن ئان، سەپرانى تاشقىرى چىقارماق يامان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىققان بىر بالاغا ئۇچرار. مىجازى چۇس كىشى ھېچكىم بىلەن ئەپ بولالمايدۇ. ئەسەبىي ئادەم ھەممىنى بىزار قىلىدۇ. نېرۋا بولۇپ قاپسەن، ئاغىنە، جىم تۇر. ئوت قېشىدا سالقىن بولماس، جىلىخۇرغا ئەقىل قونماس. قېنى قىزىق كىشى توساتتىن چاتاق تاپىدۇ. تۇرسۇن تازا سەپرا ئىكەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باش ۋە ئارقا مېڭىسىدىن تارقالغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان بەك كىچىك تومۇرلار سىستېمىسى.
ئۇنىڭ نېرۋىسى بۇزۇلۇپتۇ. ئەسەبى ئۆرلىگەنگە تەگمە.
بىئولوگىيە
مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىن باشقا نېرۋىلارغا تەۋە تۈزۈلۈشلەر بولۇپ، مەلۇم ساندىكى نېرۋا تالالىرى تۇتامىنى (دەستىسىنى) بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىنىڭ ئوراپ تۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن. ئاق رەڭلىك، يىپسىمان، ئاددىي كۆز بىلەن كۆرۈشكە بولىدۇ. نېرۋىلارنى جايلاشقان ئورنىغا ئاساسەن مېڭە نېرۋىلىرى، يۇلۇن نېرۋىسى، سىمپاتىك نېرۋىلار ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ رولىغا ئاساسەن سەزگۈ نېرۋىلىرى، ھەرىكەت نېرۋىلىرى ۋە ئارىلاش نېرۋىلار دەپ بىر قانچىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەرىكەت نېرۋىلىرىدا يەنە سۆڭەك مۇسكۇللىرىنى باشقۇرىدىغان گەۋدە ھەرىكەت نېرۋىسى ۋە ئىچكى ئەزا، يۈرەك قان تومۇرلىرى ۋە بەزلەرنى باشقۇرىدىغان ئىچكى ئەزا (ئورگان) ھەرىكەت نېرۋىسى يەنە ۋېگېتاتىۋ نېرۋىسى بولىدۇ.
دۇنيا تارىخى
( 30 - 98). قەدىمكى رىم پادىشاھى (96 - 98). ئىتالىيىدىكى ئومبىرىيىنىڭ نارنىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. مىلادىن 71 - ۋە 90-يىلى ئىككى قېتىم ئارخون بولغان. دومىتىئانو ئۆلتۈرۈلگەن (96) دىن كېيىن، سىنات ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىنغان. مۆتىۋەرلەرگە كەڭ قوللۇق قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھەمدە ئەمدى مۆتىۋەرلەرنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم بەرگەن؛ بىر تۈركۈم ئۆلكە ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ھەربىيلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 97-يىلى، ھەربىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ تۇرغان تراجاننى ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالغان ۋە ئىزباسار قىلىۋالغان ھەمدە ئىش يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلغان، ياندۇرقى يىلى ئۆلگەن. ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش تارىخشۇناس تاستو نېرۋانى مۆتىدىل پادىشاھ دېگەن.
پسىخولوگىيە
بۇ ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىدىكى بىرىكمە توقۇلمىنىڭ قاپلىق نېرۋا تالاسى ياكى نېرۋا باغلىمىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە نېرۋىسى، يۇلۇن نېرۋىسى ۋە سىمپاتىك نېرۋىلار بار. پەقەت ھەرىكەت نېرۋا تالاسىدىن تەشكىل تاپقان نېرۋا ھەرىكەت تالاسىدىن تەشكىل تاپقان نېرۋا ھەرىكەت نېرۋىسى، پەقەت ھەرىكەت نېرۋا تالاسىدىن تەشكىل تاپقان نېرۋا ھەرىكەت نېرۋىسى، پەقەت سەزگۈ نېرۋا تالاسىدىن تەشكىل تاپقان نېرۋا سەزگۈ نېرۋىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئارىلاش تەشكىللەنگەن نېرۋا ئارىلاش نېرۋا دەپ ئاتىلدۇ. بەدەن ئىچىدە نېرۋىلارنىڭ تولىسى ئارىلاش نېرۋىلاردىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
روسچە<لاتىنچە
ئى >ئانات< باش ۋە ئاارقا مېڭىدىن بارچە ئەزالارغا تارالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ئىنچىكە تالاسىمان توقۇلما سىستېمىسى ۋە شۇ توقۇلمىلارنىڭ ھەربىرى.
كۆرۈش نېرۋىلىرى. ھەرىكەت نېرۋىلىرى. نېرۋا سىستېمىسى.
ئى. >ئانات< ئورگانىزم پائالىيىتى ۋە ئىنسان ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە شۇنداق سىستېمىلار يىغىندىسى.
سۈپ. كۆچمە. ئاسان تېرىكىدىغان، ئاچچىقلىنىدىغان، تېرىككەك.
نېرۋا ئادەم. نېرۋا بولماق. نېرۋا قىلماق.