Uyghur←ChineseMain Dictionary
نېرۇدا
دۇنيا تارىخى
聂鲁达
niè lǔ dá
(1904 - 1974) چىلىلىق شائىر، جەمئىيەت ئەربابى. ئەسلى ئىسمى نېفتالى رىكاردو رېيېس باسۇئالتۇ. چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پاررال بازىرىدا تۆمۈريول ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، سانتياگودىكى چىلى داۆشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 17 ياش ۋاقتىدا <نېرۇدا> دېگەن تەخەللۇسى بىلەن ئۆزى خىزاجەت چىقىرىپ تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان. 1934 - 1937-يىللىرى ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولغان. ئىسپانىيە خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرىشىگە قاتناشقان، 1941-يىلىدىن كېيىن مېكسىكىدا تۇرغان. كېيىن چىلىگە قايتىپ كەلگەن. 1945-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىگە قاتناشقان، كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان، ۋېيدىرا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىزمەتتىن بوشىتىلغان ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1952-يىلى چىلىدىكى نېگرا ئارىلىغا يوشۇرۇنۇۋالغان. 1971 - 1973-يىللىرى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە چىلىدىكى رېئاللىق ۋە ئىندىئانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشقا كۈچلۈك قارشى تۇرۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ ھازىرقى زامان ئىسپانىيە تىلىدىكى شېئىرلاrنىڭ ژانىرى، قاپىيىسى ۋە ۋەزىن قائىدىسى ھەم تىلىنى ئىجاد قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى: <تاڭ نۇرى>، <يىگىرمە كۇپلېت مۇھەببەت شېئىرى ۋە ئۈمىدسىزلىك ناخشىسى>، <زېمىندىكى ماكان>، <گېنېرال كانتو>، <ئېلېمېنت شېئىرى>، <يېڭى ئېلېمېنت شېئىرى>، <تەلۋىلىك شېئىرى>، <يېڭى شېئىرلار توپلىمى> قاتارلىقلار. 1953-يىلى <خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتىش> لېنىن خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1971-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.