Uyghur←ChineseMain Dictionary
نېرو
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
内罗
nèi luó
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
尼禄
ní lù
دۇنيا تارىخى
尼禄
ní lù
(37 - 68) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (54 - 68). ئاگرىپىنا بىلەن ئالدىنقى ئېرى دومىتىئۇ ئائېنوباربۇستىن تۇغۇلغان. مىلادى 50-يىلى كلاۋدىئۇس Ⅰ تەرىپىدىن تەخت ۋارىسى قىلىنغان؛ 54-يىلى كلاۋدىئۇس ئۆلتۈرۈلۈپ، تەختكە ئولتۇرغان (مۇشۇ چاغدا 61 ياشتا ئىدى) دەسلىپىدە نائىب ۋەزىرنىڭ نائىپلىقىغا تايىنىپ، سىياسىيى جەھەتتە خېلى ئېنىق بولغان؛ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن شاللاقلىقى، گالۋاڭلىقى ۋە ۋەھشىيلىكى بىلەن نام چىقارغان. ئانىسى بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىپ، ئانىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خوتۇنى ئوكتاۋىيە (كلاۋدىئۇسنىڭ قىزى) نى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇستازى سېنېكانى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان. 64-يىلى رىم شەھىرىدە چوڭ ئوت ئاپىتى بولۇپ، شەھەرنىڭ ئالتە - يەتتە قىسمى كۆيۈپ ۋەيران بولغان، كىشىلەر ئارىسىدا ئېرو ئوت قويۇشقا قۇتراتقان دېگەن گۇمان تارقالغان؛ ئۇ ئاپەتنى باشقىلارغا دۆڭەەپ، <خرىستىئان دىنىي مۇرىتلىرى> نى كۆپلەپ قىرغان، ئۆزىنى قابىلىيەتلىك ئارتىس دەپ ھېسابلاپ، دائىم ناخشا ئېيتىپ، مۇزىكا چېلىپ، سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويۇپ، مۇسابىقىلەرگە قتاتناشقان. 67-يىلى تىياتىر ئۆمىكىنى باشلاپ يۇنانغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ، خالىغانچە بۇزۇپ - چېچىپ، ئىسراپ قىلغان؛ پەلەستىندە يەھۇدىيلار قوزغىلىڭى بولغاندا، ۋېسپاسيانۇسنى ئەۋەتىپ باستۇرغان. ئۆلكىلەردىكى خەلقنىڭ رىمغا قارشى تۇرۇشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، سېنات بىلەن مۇھاپىزەتچى قوشۇن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆزىگەن. ئۇ ئىستىقبالدىن قايغۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.