UyghurMain Dictionary
نوۋگورود يىلنامىسى
دۇنيا تارىخى
روسىيە قەدىمكى زامان تارىخىي ھۈججىتى. نوۋگوروددىكى سوفىيە چېركاۋىنىڭ ۋاقتىدىن باشلاپ يېزىلغان، ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى <سوفىيە يىلنامىسى خاتىرىسى دەپ ئاتالغان. ئۇ ⅩⅡ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن. كېيىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە يېزىلغا، ئىلگىر - كېيىن بولۇپ بەش توپلام قىلىنغان. ھازىرغىچە تارقىلىپ كېلىۋاتقان بىرىنچى توپلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كۆچۈرۈلمىسى ⅩⅣ ئەسىردە پۈتكەن. بۇ يىلنامىدە ⅩⅪ - ⅤⅡ ئەسىرلەردىكى روسىيە تارىخى خاتىرىلەنگەن. ئۇ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى روسىيىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم تارىخىي ماتېرىيالدۇر.