Uyghur←ChineseMain Dictionary
نورودوم
دۇنيا تارىخى
诺罗敦
nuò luó dūn
(1830 - 1904) كامبودژا پادىشاھى (1859 - 1904). ئاڭدوڭنىڭ چوڭ ئوغلى. سىيام (ھازىرقى تايلاند) دىكى بانەوكتا چوڭ بولغان ھەمدە تەربىيە ئالغان. دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1861-يىلى ئىنىسى سىۋوتا (1841 - 1893) ئەسكەر چىقىرىپ تەخت تالاشقانلىقتىن، مادىۋاڭغا قېچىپ كەتكەن، ئىككىنچى يىلى يەنە بانگوكقا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلغان، سىيامنىڭ ياردىمى بىلەن پايتەخت ۋودۇڭغا قايتقان. 1863-يىلى 8-ئايدا، نائىلاج فرانسىيە بىلەن <فرانسىيە - كامبودژا ھامىلىق شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن كامبودژا ھامىلىق شەرتنامىسى< نى ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن كامبودژا فرانسىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ قالغان. ئۇزاق ئۆتمەي سىيام بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، كامبودژىنىڭ ئۇنىڭ بېقىندىلىقىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە مادېۋاڭ، شىنلى قاتارلىق ئۆلكىلەرنى رەسمىي بۆلۈپ بەرەەن. 1864-يىلى 6-ئايدا، فرانسىيە ۋە سىيام ۋەكىللىرى بىرلىكتە قاتناشقان ئەھۋالدا، تاج كىيىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. 1867-يىلى پايتەختنى ۋۇدۇڭدىن پىنوم پىنغا كۆچۈرگەن. 1884-يىلى 6-ئايدا، يەنە فرانسىيە بىلەن نائىلاج كېلىشىم ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي فرانسىيىنىڭ ئوردىدا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كونترول قىلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرقايسى ئۆلكىلەردە فرانسىيىنىڭ ئەمەلدارى قويۇلۇپ، ئۆلكە ھاكىمىيىتىگە نازارەت قىلغان، كامبودژا ئەمەلىيەتتە فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان.