Uyghur←ChineseMain Dictionary
نورىكۇم
Domain: دۇنيا تارىخى诺里孔
nuò lǐ kǒng
قەدىمكى يەر نامى. شىمالىي دۇناي دەرياسى بويىدا، غەربىي رائېتيە بىلەن قوشنا، جەنۇبىي ۋە شەرقىي ئالپ تېغى ۋە پاننونىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، تەخمىنەن ھازىرقى ئاۋسترىيە ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. ئاساسىي ئاھالىسى كېلتلار. ئىمپېراتور ئاۋەوستۇس (ئوكتاۋىئان) تەختتىكى مەزگىلىدە، مىلادىدىن 16 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، ئىككىنچى يىلى رىمنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىنغان. كېيىن رىم ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىرى يەنە ئۇنى ئىكى ئۆلكىگە ئايرىغان، ھەر ئىككىسى ئىللىرىيە چوڭ مەمۇرىي رايونىغا تەۋە بولغان. رىم مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەردە بىر تۈركۈم شەھەر - بازارلارنى قۇرغان. جەنۇبتىكى ۋىرۇنۇم، شىمالدىكى ئوۋىلاۋا مەشھۇر شەھەرلەر بولغان ئۇنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىن سۈپەتلىك تۆمۈر رۇدىسى چىقاتتى، <نورىكۇم خەنجىرى> نى قەدىمكى زاماندا ھەممە ئادەم ماختاشقان. نورىكۇمنىڭ <نۇرىكۇم پادىشاھلىقى> دېگەن نامىمۇ بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.