UyghurMain Dictionary
نۆۋەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
14 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان يىگىت - قىز.
<ئۆسمۈر> تېخىمۇ كىچىك، 14 - 16 ياشلاردا بالا. <نۆۋەر>، <نەۋقىران> لار كىتابىي سۆزلەر، كەم ئىشلىتىلىدۇ.
ياش كەلسە ئىشقا، قېرى كەلسە ئاشقا. ياشتىن خاتالىق ئۆتسە، قېرىدىن ئۆزرە - ئەپۇ كەلسۇن. نۆۋەر چېغىڭنى بىكار ئۆتكۈزمە، ئاسرا. نەۋقىران چاغلار قېرىغاندا ئەسلەشكىلا قالمىسۇن. ئۆسمۈرنىڭ يولى ئۇزۇن. ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ياش، يېتىلگەن.
ئۆتمۈشتە پايتەختتىكى ۋاقىتلىرىدا نۆۋەر يىگىت ئىدىلە، ئەمدى ئوتتۇرا ياشلىق كىشى بولۇپ قاپتۇلا!