Uyghur←ChineseMain Dictionary
نوبېل
دۇنيا تارىخى
诺贝尔
nuò bèi ěr
(1833 - 1896) شۋېتسىيىلىك خىمىيە ئالىمى، كەشپىياتچى ۋە سانائەتچى، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئاساسچىسى. ئەنگلىيە خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە شۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى. دەسلەپ روسىيىدىكى پېتېربۇرگدا ئوقۇغان، كېيىن يەنە فرانسىيە ۋە ئامېرىكىدا بىلىم ئاشۇرغان. پۈتۈن ھاياتىنى پارتلاتقۇچ دورا تەتقىق قىلىش ۋە كەشپ قىلىشقا بېغىشلىغان. 1863-يىلىدىن باشلاپ گلتسېرىنلىق پارتلىتىش دورىسىنى ئىشلىگەن، پىستانلىق بىخەتەر پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى كەشپ قىلىپ، 1867-يىلى ئەنگلىيىدە مەنپەئەتدارلىق گۇۋاھنامىسى ئالغان. كېيىن يەنە كۈچ - قۇۋۋىتى تېخىمۇ زور بولغان. <پارتلاتقۇچ يىلىم> پارتلىتىش دورىسى بىلەن ئىسسىز پارتلىتىش دورىسىنى كەينى - كەينىدىن كەشپ قىلغان. غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە گلتسېرىنلىق پارتلىتىش دورىسى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى تىرېسىت قۇرغان ھەمدە باكۇ نېفىتلىكىنى ئېچىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى (1895) ئۆز مىراسىنىڭ بىر قىسمىنى - جەمئىي 9 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى فوندى قىلىپ، ئۇنىڭ يىللىق ئۆسۈمى (ھەر يىلى تەخمىنەن 200 مىڭ ئامېرىكا دولىرى) بىلەن فىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق ئىشلىرىدىن ئىبارەت بەش خىل مۇكاپات تەسىس قىلىپ (1968-يىلى ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى كۆپەيتىلگەن)، شۇ يىلى يۇقىرىقى ساھەلەردە ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپاتلاشنى ۋەسىيە قىلغان. 1901-يىلدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇكاپات تارقىتىلغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,خىمىيە
诺贝尔
nuò bèi ěr