UyghurMain Dictionary
نېمىسلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
نېمىسلار <گېرمانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 84 مىليون 630 مىڭدىن كۆپرەك؛ ئۇلارنىڭ 78 مىليون 700 مىڭى (2.84 پىرسەنتى) گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان 10 نەچچە مىليونى ئامېرىكا (4 مىليون 500 مىڭ)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى (1 مىليون 900 مىڭ)، كانادا (1 مىليون 200 مىڭ)، برازىلىيە (700 مىڭ)، شۋېتسارىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
نېمىسلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىرقىنىڭ شىمالىي ياۋروپا تىپىغا (ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق تىپىغا)، بىر قسىمى ئالىپ تىپى (دىنارىك تىپى) بىلەن باشقا ئارىلاشما تىپلارغا كىرىدۇ.
نېمىسلاردا نېمىس تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، بۇ تىل ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسنىڭ شەرقىي تىللىرى تارمىقىغا تەۋە نېمىس تىلىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب ئىككى دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىلنى نۆۋەتتە نېمىسلاردىن باشقا، دۇنيا بويىچە 100 مىليوندىن كۆپرەك كىشى ئانا تىل سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بار. بۇ يېزىق