UyghurMain Dictionary
نېمەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر خىل ئوزۇق - تۈلۈكلەر مەجمۇئى.
ئادەم ئۆلمەس، رىزقى تۈگىمەس. ئېغىز بەرگەن خۇدا رىزقىمۇ بېرەر. نازۇكنىڭ نېسىۋىسىنى قېلىن يەر. نېمەتكە شۈكۈر كېرەك. نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپلۈكى تۇرمۇشنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېمەك - ئىچمەك، ئوزۇق - تۈلۈك.
ناماز دىگەر ۋاقتىدا، تۇڭچىنىڭ ئۆيىگە بىر ھارۋىدا ئاشلىق، قوي، توخۇ، قوغۇنم تاۋۇز، ئۈزۈم قاتارلىق نېمەتلەر كەلدى.
ياخشى ئىش، ياخشىلىق.
- نېمەتلىرىگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت، - دېدىم مېڭىشقا تەمشىلىپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
رىزىقلىق، نېسىۋىلىك بالا.