UyghurMain Dictionary
نېمەنجا سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
سېربىيىنىڭ فېئوداللىق سۇلالىسى 1170 - 1371. راسكا رايونىدىكى باش جۇپان ستېۋان نېمەنجا (1170 - 1196-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. 1190-يىلى سېربىيە ۋىزانتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان. ستېۋان Ⅰ تەختىكى مەزگىلىدە (1196 - 1227)، 1217-يىلى كورۇل دەپ ئاتىلىپ، سېربىيە بارار - بارا پادىشاھلىققا ئايلانغان. ستېۋان دۇشان، تەختتىكى مەزگىلىدە، 1346-يىلى ئىمپېراتور دەپ ئاتىلىپ، سېربىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان. ئۇروس Ⅴ تەختتىكى مەزگىلدە (1355 - 1371) ئىمپېرىيە پارچىلىنىپ، سۇلالە ئاخىرلاشقان.