UyghurMain Dictionary
نېلسون
دۇنيا تارىخى
( 1758 - 1805) ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى. 1770-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 21 يېشىدا پوروچىكلىككە ئۆستۈرۈلگەن. 1794-يىلى بىر قېتىملىق دېڭىز ئۇرۇشىدا ئوڭ كۆزىدىن ئايرىلغان. 1796-يىلى شۆبە فلوتنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى دېڭىز ئارمىيە گېنېرال مايورى ئۇنۋانىنى ئالغان. لېكىن بىر قېتىملىق جەڭدە ئوڭ بىلىكىدىن ئايرىلىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقان. 1798-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ناپولېئوننىڭ مىسىرغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنى توشۇيدىغان فلوتنى يېرىم يولدا توسۇپ تۇرۇيشقا ئەۋەتىلگەن، لېكىن بۇ مەقسەتكە يېتەلمەي فلوتنىڭ ئارقىسىدىن مىسىرنىڭ ئابۇكىر پورتىغىچە قوغلاپ بېرىپ، پۈتۈن فرانسىيە فلوتىنى يوقاتقان. ئەمما فرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى پاراخوتتىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ بولغان. 1799-يىلى نېئاپولغا يۈرۈش قىلىپ، ئىتلاىيىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى باستۇرغان. 1800-يىلى ئەنگلاىيىگە قايتىپ كەلگەندە دېڭىز ئارمىيە گېنېرال لېيتېنانتلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە ئاقسۆڭەك ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1803-يىلى فرانسىيە بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قىلغاندا، ئوتتۇرا دېڭىز فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ فرانسىيىنىڭ تۇلون پورتىنى ئىككى يىل مۇھاسىرىگە ئالغان. 1805-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىسپانىيىنىڭ ترافالگار تۇمشۇقىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا فرانسىيە - ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاخىر ناپولېئوننىڭ ئەنگلىيىگە بېسىپ كىرىش پىلانىنى تارمار قىلغان، ئۆزىمۇ جەڭدە قۇربان بولغان.