Uyghur←ChineseMain Dictionary
نىكوپول
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر尼科波尔
ní kē bō ěr
① سوۋېتئ ىتتىپاقى ئوكرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىغا، دنېپىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى كاخوپكا سۇ ئامبىرىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان شەھەر. ئاھالىسى 146 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). 1782 - يىلى سېلىنغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنڭ ئاتاقلىق مارگانېتس كان مەركىزى، شەھەردە ئاتاقلىق ئۇلاقسىز پولات تۇرۇبا زاۋۇتى، سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ تۆمۈر قېتىشمىسى زاۋۇتى بار. كران ھەم كان ئاستى ترانسىپورتى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ مارگانتىس كان رايونى بار. ② (Никопол) بۇلغارىيىنىڭ شىمالىغا، دوناي دەرياسىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان شەھەر. بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 629 - يىلى سېلىنغان. ئۆز ۋاقتىدا ۋىزانتىيىنىڭ مۇھىم قورغىنى بولغان. 1396 - يىلى كىرىس ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋېنگرىيىلىك سىگموند مۇشۇ جايدا مەغلۇپ بولغان. 16 -، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى چارروسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدا بۇ جايدا قاتتىق ئۇرۇش بولغان. شەھەر ئاھالىسى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، بېلىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇدۇندىن بۇيان بۇ جاي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قەدىمىي شەھىرى نىكوپوس دەپ خاتا تونۇلغان.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى尼科波尔
ní kē bō ěrDتارىخ
尼可波利
ní kě bō lì
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.