UyghurMain Dictionary
نېيترون بومبا
يادرو ۋە بىئو قوراللار
ئاتوم بومبا، ھىدروگېن بومبا قاتارلىـق يـادرو ياراغلىرى ئارقـا - ئارقىدىن دۇنياغا كەلگەندىن كـېـيـىـن، ئامـېـرىـكـا1977 - يـىـل6 - ئايـدا نېيترون بومبىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى ياراغ ئۈچىنچى ئەۋلاد يادرو ياراغ دەپ ئاتالدى.
نېيترون بومبا − يادرو پـارتـلـىـغـانـدا ھـاسىـل بـولـغـان يـۇقـىـرى ئېنېرگىيىلىك نېيتروننى ئاساسلـىـق ئۆلـتـۈرۈش - يـارىلانـدۇرۇش ئامـىـلـى قىلىدىغان تاكتىكىلىق يادرو ياراغ. يۇقىرى ئېنېرگىـيـىـلـىـك نـېـيـتـرون ئېقىمىنىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش ئۈنۈمى ئىنتايـىـن روشەن. ئۇنىڭ قۇدرىتى1000 توننىدىن3000 توننىغىـچـە بـولـغـان TNTنـىـڭ ۋەيران قىلىش ئېنېرگىيىسىگە تەڭ.1000 توننىلىـق TNTنـىـڭ قۇۋۋىتىگە باراۋەر كېلىدىغان بىر نېيترون بومبا200 مېتىر ئېگىزلىـكـتـىـكـى بوشلۇقتا پارتلىغاندا، پارتلاش مەركىزىنىڭ900 مېتىر دائىرىسىدىكى تانـكـا ئىچىدىكى ئادەم دەرھال ھوشسىزلىنىپ ياكـى جـەڭـگـىـۋارلىـقىـنـى يوقىتىپ،10 كۈن ئىچـىـدە ئۆلـىـدۇ. جـەڭ مـەيـدانـىـدا ھـەر كـۋادرات كىلومېتىردا40 دانىدىن تانكا بار دەپ ھېسابلىـسـاق، بـىـر نـېـيـتـرون بومبا نەچچە يۈز تانكىدىكى ئادەمنى دەرھال جەڭ قىلىش ئىقتىدارىـدىـن مەھرۇم قىلىدۇ،200 دىن ئارتۇق تانكا ئىچىدىكى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
نېيترون بومبىنىڭ ئىمارەت، قاتناش قورالى ۋە جەڭ ئەسلىھەلىرىـگـە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىقتىدارى كىچىكرەك، كۈچـلـۈك نـېـيتـرون ئېـقىـمى ئاساسەن ئىمارەت، قاتناش قورالى ۋە جەڭ ئەسلـىـھەلـىـرى ئىـچـىـدىـكـى ئادەملەرنى تالاپەتلەندۈرىدۇ.
نېيترون بومبىنىڭ ئادەملەرنىلا ئۆلتۈرەلىشى، ئۇنىڭ ھاسىل قىلغان نېيترونلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى ۋە نېرۋا سىسـتـېـمـىـلىرىنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغانلىقىدىندۇر. ئادەم بەدىنى ئۇچرىغان نېيتـرون رادىئاتـسـىـيـىـسـى مـۇئەيـيـەن مىقدارغا يەتكەندە، ئادەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جەڭگىۋارلىقىنى يـوقـىـتـىـدۇ ياكى ئۆلىدۇ. نېيترون بومبا پارتلىغاندا ھاسىل بـولـغـان زەربـە دولقۇنى، نۇر رادىئاتسىيىسى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ، ئاران يـادرو پـارتـلـىـشـىـنـىـڭ10 دىن1 ىگىلا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا، تانكا، زەمبىرەك، مۇستەھـكـەم ئاكـوپ قاتارلىقلارنى بۇزۇش رولى كىچىك. بىراق، نېيترون ئادەم بەدىنىنى تېـشـىـپ ئۆتىدىغان X نۇرغا ئوخشاش، تانكا، برونېۋىكلارنىڭ پولات قېپىـنـى ئاسانلا تېشىپ ئۆتۈپ، ئىچىدىكى ئادەمنى تالاپەتلەندۈرىدۇ.