Chinese→UyghurMain Dictionary
逆境生理
بىئولوگىيە
ناچار مۇھىت فىزىئولوگىيىسى
ئۆسۈملۈكلەردە ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان ناچار مۇھىتقا نىسبەتەن ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان فىزىئولوگىيىلىك رېئاكسىيە بولىدۇ. بۇ فىزىئولوگىيىلىك رېئاكسىيىلەرنى تەتقىق قىلىش ناچار مۇھىت فىزىئولوگىيىسى ياكى قارشى تۇرۇشچانلىق فىزىئولوگىيە ئىلمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ ناچار مۇھىتقا نىسبەتەن پەيدا قىلىدىغان رېئاكسىيىسىنى ئېلاستىك رېئاكسىيە ۋە ياسالما رېئاكسىيە دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقىسى ناچار مۇھىتتىن خالاس قىلىنغاندىن كېيىنكى ئۆسۈملۈك يەنە ئەسلىگە كېلىدىغان رېئاكسىيىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى ناچار مۇھىتتىن خالاس قىلىنغاندىن كېيىن ئۆسۈملۈكتە بىرقاتار ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ ئەسلىدىكى نورمال ھالىتىگە كېلەلمەيدۇ، لېكىن يەنىلا داۋاملىق ياشاۋېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بەك چوڭ بولسا، مەيلى ئېلاستىك رېئاكسىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار مۇھىت بولسۇن ياكى ياسالما رېئاكسىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىت بولسۇن ھەممىسىدىلا ئۆسۈملۈك زەخىملىنىپ ئۆلىدۇ. ئۆسۈملۈك ئۇچرايدىغان ناچار مۇھىت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ (1) كىلىماتنىڭ يامانلىشىشىدىن كېلىپ چىققان ناچار مۇھىت. مەسىلەن، قۇرغاقچىلىق، ئىسسىقلىقنىڭ زىيىنى، ئۈششۈك ۋە سوغۇق ئېقىم؛ (2) جۇغراپىيىلىك ئورنى ياكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان ئورۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار مۇھىت. مەسىلەن، تۇپراق تەركىبىدە تۇزنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشى ياكى كەم بولۇشى، يورۇقلۇق كۈچىنىڭ زىيادە كۈچلۈك بولۇشى، دېڭىز يۈزىدىن بەك ئېگىز بولۇش قاتارلىقلار؛ (3) بىئولوگىيىلىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار مۇھىت. مەسىلەن، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلار؛ (4) تەبىئىي ياكى سۈنئىي زەھەرلىك ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان، بولۇپمۇ سانائەتتىكى ئۈچ كېرەكسىز ماددا كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار مۇھىت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىئونلىنىش رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار مۇھىتمۇ بار. يۇقىرىدىكى ناچار مۇھىت ئامىللىرىنىڭ ئۆسۈملۈككە بولغان تەسىرى مەلۇم فىزىئولوگىيىلىك جەريان ۋە ئايرىم ئۆسۈملۈكلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي بەلكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈركۈمى ۋە ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدۇ. ئۇ يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىغىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ناچار مۇھىت فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.