Chinese→UyghurMain Dictionary
尼赫布
دۇنيا تارىخى
نېخېب
مىسىرنىڭ قەدىمكى شەھىرى. تېبىسنىڭ جەنۇبى، ھيېرا كونپولىنىڭ يېنىغا جايلاشقان. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (ئالدىنقى سۇلالىلەر دەۋرى) دە، يۇقىرىقى مىسىرنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي مەركىزىي سۈپىتىدە، بۇ يەردە پادىشاھلىق مەيدانغا كەلگەن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئاق تاجىلىق پادىشاھ بۈركۈت تەڭرىنى مۇھاپىزەتچى تەڭرى، پىياز گۈلىنى بەلگە قىلغانمىش، تەخمىنەن مىلادىدىن 1300 يىل ئىلگىرى، مېنا يۇقىرىقى مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي مەركەز تۆۋەنكى مىسىرغا يۆتكىلىپ، نېخېب بارا - بارا ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى يوقاتقان. نېخېبت بۇ شەھەرنىڭ ھامىيسىدۇر.