Chinese→UyghurMain Dictionary
涅夏瓦条例
دۇنيا تارىخى
نيېسزاۋا نىزامى
1454-يىلى پولشا كىچىك ئاقسۆڭەكلىرى پادىشاھ كاسمىرⅣ (1447 - 1492-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى نيېسزاۋا شەھىرىدە جاكارلاشقا مەجبۇرىي قىلغان نىزام. ئۇ چوڭ پولشا (پولشانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى) بىلەن كىچىك پولشا (پولشانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى) دا ئايرىم - ئايرىم جاكارلانغان ئىكى نىزمادىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ئەمىر - پەرمان جاكارلاش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش - سۈلھ تۈزۈشكە ئوخشاش مۇھىم ئىشلاردا يەلرىك كىچىك ئاقسۆڭەكلەر ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ئومۇمەن پادىشاھ ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى سوراققا تارتماسلىق؛ چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يۇقىرى مەنسەپلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىۋېلىش ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە شەھەرلەرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش؛ قاچقان يانچىلارنى ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش ھەمدە كىچىك ئاقسۆڭەكلەرگە دېھقانلار ئەنزىلىرىنى سوراق قىلىش ھوقۇقى بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ نىزام پولشادا فېئوداللىق تەبىقە پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.