UyghurMain Dictionary
نىيەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆڭۈلدىكى مەقسەت، ئارزۇ، ئۈمىد:
كى ھەج قىلماق ئولدى ئانىڭ نىيەتى،
كۆپ ئېردى جەھا ئىچرە خەيرىيەتى.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆڭۈلگە پۈككەن خاھىش، مەيل.
<جون> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قەيسەر ئىرادە دۇنيادىكى ھەرقانداق ئېگىز چوققىنى بويسۇندۇرالايدۇ. ئىرادە بىلەن چىدام ئىشنىڭ قوش قانىتى. نىيەت ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. ھەقىقەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئادەم بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلسىمۇ، ئاتا - ئانىلىرى، قوۋم - قېرىنداشلىرى يىغا - زار قىلىشسىمۇ نىيىتىدىن ھەرگىز يانمايدۇ، ئىرادىسىدىن زادى قايتمايدۇ. جونى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك.
بىئولوگىيە
مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى كۆڭلىگە پۈككەن ياكى ئاغزىدا ئېيتقان ئارزۇسى نىيەت دېيىلىدۇ. بۇ سۆز <ھەممە ئىبادەت نىيەتكە باغلىق بولىدۇ> دېگەن ھەدىستىن كەلگەن، بۇ ئىسلام دىنىدىكى دىنىي پەرزلەرنىڭ زۆرۈر شەرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۆڭۈلدىكى ئارزۇ - ئىستەك مەقسەت؛ ئوي - خىيال.
مەن ئۇنىڭ تېخى مۇنداق نىيىتى بارلىقىنى بىلمەپتىمەن.