Chinese→UyghurMain Dictionary
尼布甲尼撒二世
دۇنيا تارىخى
نېبۇچادنېززا Ⅱ
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 562) يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 605 - 562) نابوپولاسانىڭ ئوغلى. دادىسى بىلەن بىللە يۈرۈش قىلىپ، ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن مېدىيە بىلەن داۋاملىق ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە قۇدىلاشقان. سۈرىيە، فىنكىيە ۋە پەلەستىنگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، مىسىر بىلەن تەسىر دائىرىسى تاشلاشقان. مىلادىدىن 586 يىل ئىلگىرى ئېرۇسالىمغا باستۇرۇپ كىرىپ، يەھۇدىي پادىشالھىقىنى يوقىتىپ، كۆپلىگەن يەھۇدىي ئاھالىلىرىنى ئەسىر ئېلىپ قايتىپ كەلگەن، تارىختا بۇ <بابىلون تۇتقۇنلىرى> دەپ ئاتالغان. بابىلوننى راسا قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن مىلادىدىن 567 يىل ئىلگىرى مىسىرغا يۈرۈش قىلغان ھەمدە ناھايىتى كۆپ مال - دۇنيانى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. مېدىيىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شىمالدا مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئۆزى سېپىل سالدۇرغان. كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، پايتەخت بابىلوننى قۇرۇپ چىققان. ئارخېئولوگلار ئۇنىڭ خارابىسىنى قېزىپ، پۇختا شەھەر سېپىلى، سىنتاش ياتقۇزۇلغان چوڭ يول ۋە قېلىن ئەينەكتىن ياسالغان ئىستار مۇقەددەس دەرۋازىسى قاتارلىقلارنى تېپىپ چىققان، بۇلار مۇستەھكەم ۋە ھەشىمەتلىك. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مېدىيىلىك ئاغىچا خېنىمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، پادىشاھ سارىيىدا ئالاھىدە <مۇئەللەق باغچا> سالدۇرغان، كېيىن بۇ قەدىمكى زاماندىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ قارالغان.