Chinese→UyghurMain Dictionary
泥版文书
دۇنيا تارىخى
سېغىز تاختا ھۆججەتلىرى
قەدىمكى غەربىي ئاسىيا رايونىدىكى بىر خىل يېزىق خاتىرىسى. ئەڭ دەسلەپ مېسوپوتامىيە ۋادىسى(سۇمېرلىقلار)قوللانغان، كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئىران ئىگىزلىكىنىڭ غەربىدىكى كەڭ رايونلارغا تارقالغان. ئاساسلىقى قەدىمكى سۇمېر، ئاككاد، بابىلون، ئاسسۇرىيە، ھىتت ۋە پېرسىيە قاتارلىق جايلارنىڭ يازما يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ.مىخ يېزىق بىلەن سېغىزتاختىغا خەت ئويۇلۇپ، ئاندىن ئاپتاپتا ياكى ئوتقا قاقلىنىپ قۇرۇتۇلغان. قانۇنلار دەستۇرى، ماددىلار، دىپلوماتىيە خاتىرلىرى، ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەر، قەرز توختامى، تارىخىي خاتىرىلەر شۇنىڭدەك ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئاسترونومىيىگە ئائىت ماتېرىياللار، دىنى كىتابلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ⅨⅩ ئەسىردىن باشلاپ بابىلون، لاگاش، ئۇر، مارى ۋە نىنېۋې قاتارلىق قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ خارابىسىدىن زور مىقداردا تېپىلغان (ھازىرغىچە داۋاملىق تېپىلماقتا). مىخ يېزىق يېشىلگەچكە سېغىز تاختىغا يېزىلغان ھۆججەتلەر قەدىمكى مېسوپوتامىيە ۋادىسى ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىپتىدائىي ماتېرىيال بولۇپ قالغان.