Uyghur←ChineseMain Dictionary
نېگىرلار قانۇنى
دۇنيا تارىخى
黑人法典
hēi rén fǎ diǎn
ئامېرىكىنىڭ شىمال جەنۇب ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1865 - 1866-يىللىرى جەنۇبتىكى شتاتلارنىڭ تولىسىدا يولغا قويۇلغان ھەرخىل ئىرقچىلىق ئەمىر - پەرمانلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇنىڭ مەقسىتى قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىنىڭ 13-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش توغرىسىدكى بەلگىلىمە بىلەن قاراشلىشىپ، نېگىرلارنى قۇل قىلىشنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇ نېگىرلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقلىرىنى چەكلەپ، نېگىرلارنىڭ ئاق تەنلىكلەر بلەن چېتىشىدىغان دېلولاردا دەۋا قىلىش ۋە گۇۋاھلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولۇشىنى ئىنكار قىلىش؛ ئىزقىي كەمسىتىشنى يولغا قويۇپ، نېگىرلارنىڭ ئاق تەنلىكلەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى مەنئى قىلىش؛ نېگىرلارنى ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلاپ، ئۇلارننڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى مەنئى قىلىش؛ نېگىرلاrنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى چەكلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھەر قايس شتاتلارنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە پەرق ناھايىتى زور. مەسىلەن: مىسسىسىپى شتات ىۋە جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ نېگىرلارنى چەكلەش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ئەڭ ئېغىر بولۇپ گەرچە قوشما شتات ھۆكۈمىتى بىر قانچە قېتىم قانۇن چىقىرىپ، نېگىرلارغا تولۇق ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى قانۇنلارنىڭ بەزىلىرى ⅩⅩ ئەسىرگىچە ساقلىنىپ كەلگەن.