Uyghur←ChineseMain Dictionary
نېفىت ئېچىتىش
بىئولوگىيە
石油发酵
shíyóufājiào
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ نېفىتكە ياكى ئۇنىڭ تۈزۈلۈش تەركىبىگە بولغان تەسىرىدىن پايدىلىنىپ بەزى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان يېڭى سانائەت. ئۇ 60 - يىللىرى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ئېچىتىش سانائىتىنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدىغان ئەنئەنە بۇزۇپ تاشلاندى. ئۇنىڭ ئاشلىقنى تېجەش، نېفىت مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشتىكى ئەھمىيىتى زور بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى ئېتىبارىغا ئېرىشتى. مىكرو ئورگانىزملار نېفىت (ياكى ئۇنىڭ تۈزۈلۈش تەركىنى) نى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۇنىڭدىن باكتېرىيە ئاقسىلى، ماي، نۇكلېئىن كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ياسايدۇ، مىكرو ئورگانىزملار نېفىت (ياكى تۈزۈلۈش تەركىبى) نى ئوكسىدلاپ كۆپ خىل مۇھىم خىمىيە سانائەت خام ئەشيالىرى ياكى داۋالاش دورىلىرى ۋە خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ياسايدۇ؛ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ نېفىتكە بولغان تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، يەنە نېفىتتىن موم ۋە گۈڭگۈرت ئايرىلىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق بولغان نېفىتنى ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىكى بېسىم ئاستىدا ئۆزگەرتىدۇ. بۇنى خىمىيە سانائىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭغا يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم ۋە كىسلاتاغا چىداملىق ئۈسكۈنە كەتمەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ بىر چوڭ ئارتۇقچىلىقى. بىراق ئېچىتىلغان مەھسۇلات تەركىبىدە راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەزى گىدرو كاربون تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ قالدۇقى قېپقېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك.