UyghurMain Dictionary
نىفاق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كېلىشەلمەسلىك، ئىختىلاپ، ئاداۋەت:
رەھمۇ شەفقەت ھېچكىمدە قالمادى ھەم ئىشتىياق،
مېھرىبانلىق قەدرىدانلىق ئورنىغا تۈشتى نىفاق،
ئىككى رەڭ بولدى ھەمە تىلدا ۋىفاق دىلدا نىفاق،
ھەممە كىم بۇ ئىش مۇكافاتىدا تۈسە ئىفتىراق،
ۋاي بۇكىم ھەم ئەلاماتى ئېرۇر ئاخىر زەمان.
ئابدۇقادىر داموللام.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆز بويامچىلىق، ئاداۋەت، ئىككى يۈزلىمىلىك، چىقىشالماسلىق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ئىشت ئەرزىمنى ھەر يەردە بولساڭ، چۈرگىل ھەر نىچە بولسا نىفاقىڭ. (خىرقىتى).