UyghurMain Dictionary
نەزەرىيە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<پەلس> ئەمەلىيەتتتىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلىملىرى ھەققىدىكى سىستېمىلىق يەكۈن.
ئىلىم - پەن، سەنئەت ۋە باشقا ساھەلەرنىڭ مەنتىقىي ئابستراكت پىكىر قىلىش يولى بىلەن ئىشلەپ چىقىلغان ئاساسلىرى.
تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى.
پاكىت، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈشنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپلىرىنى ئاساسلاپ بەرگۈچى ئىلمىي قانۇن - قائىدىلەر يىغىندىسى.
بىرەر پەن ساھەسىنى ياكى ئۇنىڭ بىرەر قىسمىنى تەشكىل قىلغۇچى قائىدىلەر ياكى بىرەر ساھەدە بىلىم، ماھارەت ئاشۇرۇش، ھۈنەر ئۆگىنىش، تەجرىبە ھاسىل قىلىش يولىدىكى بىلىم، قائىدىلەر يىغىندىسى.
ماشىنا - مېخانىزملار نەزەرىيىسى. مۇزىكا نەزەرىيىسى.
بىرەر نەرسىگە، مەسىلىگە بولغان قاراش، نۇقتىئىنەزەر ياكى ئۇلارنىڭ سىستېمىسى.
ئۇزاقتىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەھسۇلات ئالماشتۇرۇشتا، پەقەت تاۋارنىڭ <پوستى> لا بار دەپ قارايدىغان ئەنئەنىۋى نەزەرىيە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.