UyghurMain Dictionary
نەخلە غازىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ. قائىدە بويىچە بۇلاڭچىلىق قىلىش چەكلەنگەن ھەج قىلىش مەزگىلىدە يەنى 624 - يىلى 1 - ئايدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 10 نەچچە ئادەمنى مەككە بىلەن تائىف ئوتتۇرىسىدىكى نەخلىگە ئەۋەتتى. ئۇلار يەمەندىن يېنىپ كېلىۋاتقان مەككە كارۋىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۆت كىشىدىن تەركىب تاپقان مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنى تارمار قىلىپ، كارۋاننى بۇلاپ كەتتى. بۇ ۋەقە نەخلىدە يۈز بەرگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالدى. بۇ ئىش مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە ئاللادىن شۇنداق ۋەھىي كەلگەن: <... ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ ئاللانىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاغا كۇپۇرلۇق قىلىش، مەسچىدى ھەرامدە (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش ۋە مەسچىتتىن ھەرامدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش، ئاللانىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (مۆمىنلەرگە زىيانداشلىق قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ، قاتتىق گۇناھتۇر ...> (2 - سۈرىنىڭ 217 - ئايىتىدىن).