UyghurMain Dictionary
نەۋقىران
مەنىداش سۆزلۈكلەر
14 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان يىگىت - قىز.
<ئۆسمۈر> تېخىمۇ كىچىك، 14 - 16 ياشلاردا بالا. <نۆۋەر>، <نەۋقىران> لار كىتابىي سۆزلەر، كەم ئىشلىتىلىدۇ.
ياش كەلسە ئىشقا، قېرى كەلسە ئاشقا. ياشتىن خاتالىق ئۆتسە، قېرىدىن ئۆزرە - ئەپۇ كەلسۇن. نۆۋەر چېغىڭنى بىكار ئۆتكۈزمە، ئاسرا. نەۋقىران چاغلار قېرىغاندا ئەسلەشكىلا قالمىسۇن. ئۆسمۈرنىڭ يولى ئۇزۇن. ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان.
ئۇ چاغدا بىز 19 - 20 گە كىرگەن نەۋقىران يىگىت ئىدۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
يېڭى، قىرانلىق دەۋر