UyghurMain Dictionary
نەۋھە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۈن سېلىپ يىغلاش، نالە:
بۈگۈن باغى جۇنۇننىڭ بۇلبۇلىدىن نالە كەلمەيدۇ،
گۇلىستان خالىئى گۈل پەردەدە نەۋھە ئەلەم تەنھا.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇڭلۇق يىغا، يىغا - زار، ھۆڭگىرگىتىپ يىغلاش، ئۈن سېلىپ يىغلاش، نالە، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئارقىدىن قېچقىرىپ يىغلاش، سېغىنىپ يىغلاش، زارلىماق، قاخشىماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق جاپا ۋە ياكى غەمدىن كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆزدىن ياش چىقىش، ھۆڭگىرىگىتىپ يىغلاش.
ئانىغا يىغا، بالىغا كۈلكە. بوۋاينىڭ ناخشىسى زار بىلەن توختايدۇ. تۈلكىنىڭ توۋىسى، مۇغەمبەرنىڭ نەۋھىسى. ئۆلۈم ئۇزاتقاندا يىغا - زار قىلىش بىر ئادەت، يىغا - زاردىن كىمنىڭ ئېچىنغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى بىلگىلى بولماس.