UyghurMain Dictionary
نەتىجە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۈنۈم، نەتىجە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نەتىجە؛ مۇۋەپپەقىيەت، ئۈنۈم؛ يەكۈن، خۇلاسە؛ ئاساسىي مەقسەت؛ ئەۋرە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ مەلۇم كۈچ ياكى ئامىلىدىن ھاسىل بولغان ئاخىرقى ھالىتى.
<سەمەرە: مېۋە دېمەكتۇر، بۇ يەردە كۆچمە مەنىدە> <نەتىجە>.
سەۋەب بولمىسا، نەتىجە بولماس. نەتىجە ئىككى قولدىن چىقار. ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ئالاي دېسەڭ، بىلىمسىزلىكىڭنى ئىقرار قىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت.
بۇ خىل ئادەملەر بىلەن سودا - مۇئامىلە قىلىشسا، پۇشايماندىن باشقا نەتىجە كۆرۈلمەيدۇ.
ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسە تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگۈچى كۆرسەتكۈچ.
ئۆگىنىش نەتىجىسى. ئىمتىھان نەتىجىسى.
ئادەم ياكى شەيئىلەر ئۈستىدە چىقىرىلغان ئاخىرقى خۇلاسە ياكى پىكىر، مۇھاكىمىنىڭ مەنتىقىي يەكۈنى.
نەتىجە چىقارماق. نەتىجىگە كەلمەك.
<مات> ئارىفمېتىكىلىق ھېسابلاش ئارقىلىق تېپىلغان سان.
مەلۇم ئىش، ھەرىكەت قاتارلىقلار ياراتقان پايدا، نەپ، ئۈنۈم؛ مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق.
نەتىجە ياراتماق. نەتىجە قازانماق. نەتىجىگە ئېرىشمەك.
ياخشىلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشىڭىز ئېنىق.