Uyghur←ChineseMain Dictionary
نەسىردىن
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەر ئىسىملىرى
乃斯尔丁
nǎi sī ěr dīng
دۇنيا تارىخى
纳绥尔丁
nà suí ěr dīng
(1201 - 1274) ئەرەب ئاسترونومى ۋە ماتېماتىكى. تۇس (ئورنى ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى) دا تۇغۇلغان. ھىلاكونىڭ ھۇزۇرىدا مۇنەججىم بولغان. 1258-يىلى باغدات قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھىلاكو ماراگاھ (ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى) شەھىرىدە ئەسۋابلىرى تولۇق بولغان رەسەتخانا ۋە نەچچە 100 مىڭ كىتاب ساقلىنىدىغان كۈتۈپخانا ياساتقان ھەمدە ئۇنى بۇ ئىكى جايغا باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەن. 1270-يىلى نەسىردىن 12 يىل ئەمەلىي ئۆلچەپ چىققان خاتىرىسىگە ئاساسەن، ئىبن يۇنۇسنىڭ ھاكىم كالېندارىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى تولۇقلاپ، يېڭى كاكېندار تۈزۈپ چىققان ھەمدە ھىلاكونى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ كالېندارنى <ئېلىكخان كالېندارى> دەپ ئاتىغان. بۇ كالېندار ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە كەڭ تارقالغان ھەمدە جۇڭگوغىمۇ تارقالغان. ئۇ ماتېماتىكا جەھەتتىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇپ، <تۆت تەرەپلىك شەكىل نەزەرىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.