UyghurMain Dictionary
نەسىھەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياخشىلىققا چاقىرىش، نەسىھەت:
چىقاردى كىشى: دەرمەھەل ياندۇرۇڭ،
نەسىھەت بىلە ئىشقدىن تاندۇرۇڭ.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشىلىققا ئۈندەپ ئېيتىلغان سۆز، مەسلىھەت.
نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق. پەند - نەسىھەتكە كۆنمىگەن، ئەيىبىدىن خالىي بولالماس. ئاتاڭنىڭ ئۈگۈتىنى بالاڭغا قالدۇر. تۈلكە ۋەز ئېيتسا، توخۇ ھوشيار بولسۇن.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/769
بۇ ئەسەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەدەب - ئەخلاققا دالالەت قىلىپ ئېيتقان نەسىھەتلىرى ۋە يۈسۈپ - زۈلەيخا ھەققىدىكى ھېكايىلار بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 25 × 15 سانتىمېتىر، 313 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/874
بۇ ئەسەر 165 نەسىھەتتىن تەركىب تاپقان 27 بابلىق ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: رىزائىلدىن بىن فەخىرىدىن. فورماتى: 22 × 15 سانتىمېتىر، 32 بەت. تاتارچە، مىلادى 1908 - يىلى بېسىلغان نۇسخا.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/54
بۇ ئەسەر ئەدەب - ئەخلاق توغرىسىدىكى نەسىھەتلەر بولۇپ، ئاپتورى: موللا مۇھەممەد سوپى ئىبن موللا سالى قارا قاشى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى: ھىجرىيە 1233 - يىلى فورماتى: 24 × 13 سانتىمېتىر، 185 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەرنى ياخشى يولغا باشلاش، تەلىم - تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە ئېيتىلغان گەپ؛ مەسلىھەت، تەلىم.
نەسىھەت بەرمەك. نەسىھەت قىلماق.