UyghurMain Dictionary
نەقىشبەندى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1317 - 1390) ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچى نەقىشىبەندىيەنى قۇرغان ئادەم. بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى <سىزغۇچى> دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى تۆۋەن ئاۋازدە زىكر سالغاندا كۆكرىكىگە قولى بىلەن سىزىپ <ئاللانى تونۇشنىڭ ئاجايىپ مەنىسىنى تەسۋىرلىگەن> لىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەسلىي ئىسمى مۇھەممەد بىننى مۇھەممەد باھادىن بولۇپ، بۇخارانىڭ يېنىدا دۇنياغا كەلگەن، تاجىك. 81 يېشىدا ئەل سامماسىنى ئۇستاز تۇتتى. كېيىن بۇخاراغا بېرىپ، تەرىقى يىخەۋا جەگەنگە كىرىپ، سامماسىنىڭ شاگىرتى ئەمىر كۇلال ۋە ئەفىردىك كىرانىدىن تەرىقەت ئىستىقامىتىنى ئۆگەندى. 1340 - يىلىدىن 1347 - يىلىغىچە سەمەرقەنتتە سۇلتان بولغان خەلىل بىلەن بىللە بولدى. كېيىن بۇخارا يېزىسىغا قايتىپ كەلدى. تۆۋەن ئاۋازدا زىكر سېلىشنى ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. چېكىدىن ئاشقان رىيازەتكە ۋە قىزىپ كېتىدىغان مۇراسىمغا قارشى تۇرۇپ، ئۇستاز بىلەن شاگىرت ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. دىنىي مەجبۇرىيەتلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلدى. دىلنىڭ پال ھالەتكە يېتىشى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنى كىتاب قىلىپ يېزىپ كەڭ تارقاتتى. نەقىشىبەندىنىڭ قەبرىسى بۇخارانىڭ يېنىدىكى باۋىدىن مەھەللىسىدە بولۇپ، تەسەۋۋۇپچىلار تېۋىنىدىغان مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.