Uyghur←ChineseMain Dictionary
نەپەسلىنىش چوققىسى
بىئولوگىيە
呼吸高峰
hūxīgāofēng
مېۋە پىشىش جەريانىدا نەپەسلىنىش سۈرئىتى ئاۋۋال تۆۋەنلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە تۆۋەنلەيدۇ، نەپەسلىنىش سۈرئىتىنىڭ بۇ خىل تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ھادىسىسى نەپەسلىنىش چوققىسى ياكى نەپەسلىنىشتىكى زور ئۆزگىرىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر نەپەسلىنىشنى تورمۇزلىغۇچى ماددا كىرگۈزۈلسە مېۋىنىڭ پىشىشىنى كېچىكتۈرگىلى ياكى توختاتقىلى بولىدۇ. نەپەسلىنىش چوققىسىنى ھاسىل قىلىدىغان ئىچكى ئامىل ئاساسەن ئېتىلېننىڭ كۆپىيىشى بولۇپ، ئېتىلېن كۆپەيگەندە ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئارتىپ، ئەسلىدە ئايرىلىپ تۇرىدىغان مېتابولىزم مەھسۇلاتى بىلەن ئېنزىملار ئارىلىشىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە نەپەسلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېتىلېننى غىدىقلىغۇچى ئاقسىل سىنتېزلىنىدىغانلىقتىن، مېۋە پىشىش جەريانىدا زۆرۈر بولغان ئېنزىم ۋە نەپەسلىنىش ئېنزىملىرى كۆپىيىپ نەپەسلىنىش چوققىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسىدە نەپەسلىنىش چوققىسى بولىدۇ. بىراق ئاز ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسىدە نەپەسلىنىش چوققىسى كۆرۈلمەيدۇ. مەسىلەن، ماندارىن، لىمون ۋە ئاناناس قاتارلىقلار. نەپەسلىنىش چوققىسىنىڭ ھاسىل بولۇش جەريانى ۋە سەۋەبىنى چۈشىنىش ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا تىزگىنلەش، مېۋىلەرنى ساقلاش، توشۇش ۋە بازارغا سېلىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.