Uyghur←ChineseMain Dictionary
نەنبوجىڭ
Domain: دۇنيا تارىخى难波京
nán bō jīng
نان ئىۋاكى ياپونىيىدىكى ئوساكانىڭ قەدىمكى نامى. تېننو يىڭشىڭ بۇ يەردە دايۈ سارىيىنى سالدۇرغان، تېننو رېندې گاۋجىن سارىيىنى سالدۇرغان، تېنو چىنمىڭ دايۈ سارىيىنىڭ ئورنىغا جۇجىن سارىيىنى سالدۇرغان. مىلادى 645-يىلى (-تېننو شياۋدىنىڭ 1-يىلى) پايتەخت فېيىنياۋدىكى بەنگەي (ھازىرقى نارا ناھىيىسى) دىن نەنبودىكى جاڭمىڭفىڭچىغا كۆچۈرۈلگەن. كېيىنكى بىر نەچچە سۇلالە داۋاملىق شۇ يەردە بولغان. 680-يىلى (تېننو تيەنۋۇنىڭ 8-يىلى) ئۇنىڭ سىرتىغا سېپىل سېلىنغان. 686-يىلى خان ئوردىسىغا ئوت كەتكەن. 726 - 734-يىللىرى يېڭى ئوردا سېلىنغان (ھازىرقى ئوساكا شەھىرىدىكى فايۇەنبەنتىڭدە). 745-يىلى پايتەخت پىڭچىڭغا كۆچۈرۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.