UyghurMain Dictionary
نەمۇنە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەممە ئۆگىنىشكە، تەقلىد قىلىشقا ئەرزىيىدىغان ئۆلچەملىك ئادەم ۋە ئىش - ھەرىكەت.
بالىغا تەنقىد بەرگۈچە، نەمۇنە كۆرسەت. ئۇ بىزنىڭ نەمۇنىمىز. ياخشىدىن ئۈلگە قالار، ياماندىن كۈلكە. بالىلارغا ئۈلگە بول. يۇقىرىغا قاراپ ئۆرنەك ئال، تۆۋەنگە قاراپ ئىبرەت. ئىشتا ئۆرنەك كۆرسەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەۋرىشكە، نۇسخا، ھەممە ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش - ھەرىكەت.
ئىبرەت
ساۋاق، ھەممە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىش - ھەرىكەت.
يۇقىرىغا قاراپ ئۆرنەك ئال، تۆۋەنگە قاراپ ئىبرەت. باتۇرنىڭ جاسارىتى ھەممىگە ئۈلگە. بالىغا تەنقىد بەرگۈچە، نەمۇنە كۆرسەت. ياخشىدىن ئۈلگە، ياماندىن كۈلكە. دۇنيا - ئىبرەت سارىيى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كىشىلەر تەقلىد قىلىدىغان، دورايدىغان، ئۆگىنىشكە، ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئادەم، ئىش، نەرسە ياكى ئۇسۇل؛ ئۈلگە، تىپ.
نەمۇنە بولماق. نەمۇنە ياراتماق.
بىر تۈردىكى نەرسىەرنىڭ تەتقىقات ئۈچۈن تاللىۋېلىنغان نۇسخىسى، ئەۋرىشكىسى.
بۇ ئالىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەرخىل تەتقىقات نەمۇنىلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ تەجرىبە قىلغان.
مىراس ياكى خاتىرە ئۈچۈن قالدۇرۇلغان يالداما، يادىكارلىق.
بۇ قازان ئاتا - بوۋىمىزدىن قالغان بىر نەمۇنە ئىدى، شۇ قازاننىڭ ئىزى يوقاپ كەتمىسۇن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئۈلگە