UyghurMain Dictionary
نەملىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. نېمى بار، نەمدەلگەن، نەم بولغان، نەم، ھۆل.
ھە دېمەڭ، شادلىقتىن كۆزلىرىم نەملىك، تىيەنئەنمىن ئالدىدىن ئۆتۈۋاتىمەن. قولۇمدا قىزىل گۈل كۆڭلۈمدە ئارزۇ، پايتەخت باغرىدا كېتىۋاتىمەن.
ئى. بىرەر نەرسە تەركىبىدىكى ياكى ئۇنىڭغا سۈمۈرۈلگەن، سىڭگەن سۇ.
نەملىكى يوقىلىش. نەملىكتىن پارچىلىنىش. نەملىك ساقلىماق.
ئى. نەم بولۇش ياكى تەركىبىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈك دەرىجىسى.
نەملىكى ياخشى يەر.
ئى. نەم ھالەت.
كىيىمنى نەملىكىدە دەزماللىماق.
ئى. نەم يەر ياكى ئورۇن.
نەملىكتە ياتماق. نەملىكتە ئولتۇرماق.