UyghurMain Dictionary
نەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
نەم، ھۆل:
ئۇچالماس جانۋەر تاكىم نەمى بار،
قاناتۇ قۇيرۇغى يوقدەك غەمى بار.
ناقىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ سىڭگەن، سۇلۇق.
ئۇيقۇ غەمدىن قاچار، بۈرگە نەمدىن. ئېغىزنى نەم قىلماي سۇ ئىچكىلى بولماس. زەي دېسەڭ، زەيكەش چاپ. خوتۇننى زېرىكتۈرەي دېسەڭ، ھۆل ئوتۇن ئېلىپ بەر. ئادەم دېگەن ھۆل نېمە. چى يەر - نەم يەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قىراۋ، تۇمان، ھۆل، نەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق كۆپ. ھۆل ئوتۇن، زەي ئۆي
قۇرۇق ، قۇرغاق، قاقشال
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق يوق ياكى تۈگەپ كەتكەن. قۇرۇق ئوتۇن، قۇرۇق ئۆي
قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس. قۇرغاق شاختا مېۋە يوق، قۇرۇق سۆزدە مەنە (يوق). قاقشال دەرەختە مېۋە بولماس، قۇرۇق گەپتە مەنە (بولماس). ئىشتىنىڭنى ھۆل قىلماي بېلىق تۇتىمەن دېمە. ئۇيقۇ غەمدىن قاچىدۇ، بۈرگە نەمدىن. تام زەيدىن ئۆرۈلەر، ئەر غەمدىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. بىرەر نەرسە تەركىبىدىكى ياكى ئۇنىڭغا سىڭگەن، سۈمۈرۈلگەن سۇ.
نەم تارتماق. يەرنىڭ نېمى قاچماق.
ئى. ياش.
قارىسا بىر توپ خالايىق جىنازىنى كۆتۈرۈپ، چىرايىدا غەم كۆزلىرىدە نەم تۇپراق بېشىغا كېتىپ بارغۇدەك.
سۈپ. سۇ سۈمۈرگەن، سۇ يۇققان؛ ھۆل.
نەم ھاۋا. نەم تۇپراق. نەم توپا. نەم يەر.
ئى. ھۆل يەر ياكى ئورۇن.
يارىم ياتىدۇ يالغۇز، گۈلنىڭ تۈۋىدە - نەمدە، مۇڭداشقىلى يارى يوق، ئۇخلاپ قالىدۇ غەمدە.