Uyghur←ChineseMain Dictionary
نەيزە قۇيرۇق
بىئولوگىيە
鲎
hòu
<جۇڭگو نەيزە قۇيرۇقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېغىز ئاياغلىقلار (مېروستوماتا) سىنىپىنىڭ خەنجەر قۇيرۇقلۇقلار ئەترىتىگە كىرىدۇ. بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار ئىچىدىكى تەن شەكلى ئەڭ چوڭلىرى، شەكلى نوگايغا ئوخشايدۇ. باش - كۆكرەك قىسمى، قورساق قىسمى ھەم قۇيرۇق نەيچىسى دەپ بۆلۈنىدۇ. باش - كۆكرەك قالقىنى كەڭ، ئات تۇيىقى شەكلىدە بولۇپ، دۈمبە تەرىپى دۇمباق، قورساق تەرىپى ئويمان. بوغۇملارغا بۆلۈنمەيدۇ. قورساق تەرىپىدە ئالتە جۈپ پۇتى بولۇپ، بىرىنچى جۈپى قىسقا - كىچىك ئامبۇر پۇت؛ ئىكىنچى جۈپى ئۇزۇن - چوڭ پۇت بۇرۇتچىسى بولۇپ، ئەركەك - چىشىسىنىڭ ئاخىرىقى ئۇچىنىڭ شەكلى ئوخشاشمايدۇ؛ قالغان تۆت جۈپى ئېغىزىنىڭ ئىككى يېنىغا جايلاشقان، تۈۋىدە ئوزۇقلۇقلارنى پارچىلاپ يۇمشىتىدىغان تەتۈر تىكەنلىرى (چىشلىرى) بولۇپ، تاڭلاي پۇتلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قورساق قالقىنىنىڭ ئۈستە سەل - پەل كەڭرەك، ئاستى تارراق بولغان ئالتە بۇرجەك شەكىلدە بولۇپ، ئىككى يېنىدا كەمتۈكلىرى ۋە بىر قانچە ئۆتكۈر تىكەنلىرى، ئالتە جۈپ ياپراقسىمان ئۈزگۈچى پۇتلىرى بولىدۇ. نەپەسلىنىش رولىنى ئۆتەيدىغان بەش جۈپ ژابرا (كىتابسىمان ژابرا) بار. دېڭىز تېگىدىكى قۇملۇقلارغا كاما كولاپ ياشايدۇ، ئادەتتە قۇمغا كىرىۋېلىپ، دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە قۇملۇق سايازلاردا قېپقالىدۇ، ئەركەك - چىشىسى دائىم بىللە ئۆمىلەپ يۈرىدۇ. كۆپىيىش پەسلىدە ئەركەك نەيزە قۇيرۇق چىشى نەيزە قۇيرۇقىنىڭ دۈمبىسىگە يېپىشىپ پۇت بۇرۇتچىسى بىلەن چىشىسىنى قاماللاپ ئالغان پېتى بىللە ئۈزۈپ يۈرىدۇ. يۇقىرى دولقۇن سىزىقى ئەتراپىغا كاما كولاپ تۇخۇم سالىدۇ. يېتىلىش جەريانىدا ئۈچ ياپراقلىق لىچىنكا دەۋرىدىن ئۆتىدۇ. ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىنلا چىقىدىغان مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شامىن رايونىدىن چىقىدىغان مەھسۇلاتى ئەڭ يۇقىرى.