UyghurMain Dictionary
نەيزە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇچلۇق، ئىككى بىسلىق، سانجىپ ئىشلىتىلىدىغان قورال، تىغ.
خەنجەر _ قىسقا ساپلىق، يانغا ئېسىۋېلىشقا ئەپلىك.
نەيزە _ ئۇزۇن ساپلىق، قولدا كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە لايىق.
نەشتەر _ قىسقا بولىدۇ.
قانئالغۇ _ نەشتەرگە ئوخشايدۇ، مىللىي تىبابەت ئىنسىتىرومېنتى.
قەلەم سوققان خەنجەر سوقماس. نەيزىنىڭ ئورنى جەڭگاھ. باشقىلارغا كۆتۈرمە نەيزە ئەسلا، ھەسەل بەرمىسەڭمۇ نەشتەر سانجىما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<ھەرب> قەدىمكى ئۇرۇش قورالى. ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تۆمۈر ياكى باشقا مېتاللاردىن سوقۇلغان ئۇچنى بىر تال ياغاچقا ئورنىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
<ھەرب> مىلتىقنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلىدىغان، ئۇچى ئۆتكۈر قىسمى.
مىلتىق نەيزىسى.
<تەن>يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئېتىش قورالى. ياغاچ ياكى باشقا مېتاللاردىن ياسىلىدۇ. ئوتتۇرىسى توم، ئىككى بېشى ئىنچىكە كېلىدۇ. بىر بېشىغا ئۇچلۇق كەلگەن بىر تال مېتال ئۇچ ئورنىتىلغان بولىدۇ.